پومپېيو: خوڭكوڭغا بۇنىڭدىن كېيىن «بىر دۆلەت، بىر خىل تۈزۈم» قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى تەتستىقلانغانلىقى سەۋەبىدىن خوڭكوڭغا «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1446689
پومپېيو: خوڭكوڭغا بۇنىڭدىن كېيىن «بىر دۆلەت، بىر خىل تۈزۈم» قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز
mike pompeo.JPG
pompeo.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىخەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىش، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىش دېگەندەك قىلمىشلارنى مەنئى قىلىشنى مەزمۇن قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ماقۇللىغان.

شۇ يەر ۋاقتى سائەت 09:00 دا باشلانغان يىغىندىكى ئاۋازغا قويۇش 15 مىنۇت ئىچىدە ئاخىرلاشقان، 162 نەپەر دائىمىي ئەزانىڭ ھەممىسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن مەزكۇر قانۇننىڭ 1 – ئىيۇندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ جەرياندا، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋالىيسى كەرىي لام خىتاينىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ تەستىقلىنىشىنى قوللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كەرىي لام شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 44 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا سىنلىق ئۇلىنىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنىڭ تەستىقلىنىشىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خوڭكوڭدا  بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ ئاپتونومىيەگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لام: «بۇ قانۇن <بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم> پىرىنسىپىغا ۋە خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ» دېگەن.

بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا بولغان مۇداپىئە ئېكسپورتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پومپېيو يازما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كونتروللۇق مەھسۇلاتلارنىڭ خوڭكوڭ ياكى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەرقلەندۈرۈش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پومپېيو بۇنىڭ خىتاي خەلقىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن خوڭكوڭغا «بىر دۆلەت، بىر تۈزۈم» پوزىتسىيەسىدە بولۇش كېرەكلىكىنى ۋە قوشۇمچە تەدبىر قوللىنىپ، خوڭكوڭدىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ باشقا قانۇنلارنىمۇ كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر