ۋېنېزۇئېلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بولدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەت ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1446059
ۋېنېزۇئېلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى سىياسىئونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى.

مادۇرو ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، «بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئورگانلاردىن تەشكىل تاپقان ۋېنېزۇئېلالىقلارغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. دۆلەت مەجلىسى (AN) ياۋروپا ئىتتىپاقى كاراكاس ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈمەكتە» دېدى.

مادۇرو ۋېنېزۇئېلانى ھۆرمەتلەشكە چاقىرىق قىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاراكاس ۋەكىلىگە دۆلەتتىن  چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەت ۋاقىت بېرىشنى قارار قىلدىم. ئەگەر ئۇلار ۋېنېزۇئېلاغا  ھۆرمەت قىلىشنى خالىمىسا، كېتىشلىرى كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇايدونى قوللىمايدىغان بىر تۈركۈم ئۆكتىچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، كۆپچىلىكىنى ئۆكتىچىلەر تەشكىل قىلغان دۆلەت مەجلىسى (AN) نىڭ رەئىسى لۇيىس پاررا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11كىشىگە ئېمبارگو يۈزگۈزىلىشىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت مەجلىسى (AN) نىڭ دېموكراتىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر