بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشىدىن ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشىدىن «چوڭقۇر قايغۇ» ھېس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1446131
بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشىدىن ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە چىقىدىغان يۇقىرى تراجلىق فرانسوزچە «Le Soir» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ فىلىپ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى  مۇستەقىللىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت فېلىكس تشېسېكېدىغا مەكتۇپ يوللىغان.

پادىشاھ فىلىپ مەكتۇپتا ھازىرقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن «ئۆتمۈش» نى سۆزلىشىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

پادىشاھ فىلىپ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلگىيەنىڭ تارىخى ئۆتمۈشىدىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ «ئازابلىق» دەۋرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆتمۈشتىكى ئورتاق ئەسلىمىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن بىرگە، زۇلۇمغا شاھىتلىقلارمۇ بار» دېدى.

پادىشاھ فىلىپ: «مەن ئۆتمۈشتە يۈ بەرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بولغان چوڭقۇر قايغۇ-ھەسرەتلىرىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېدى.

پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئىرقچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قوللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گەرچە پادىشاھ فىلىپ مەكتۇبىدا كەچۈرۈم سورىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بېلگىيە پادىشاھ جەمەتىدىن دۆلىتىنىڭ كونگودىكى مۇستەملىكىچىلىك ئۆتمۈشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان تۇنجى پادىشاھقا ئايلاندى.

بېلگىيەنىڭ كونگودىكى مۇستەملىكە ئۆتمۈشىنىڭ سىمۋولى بولغان پادىشاھ 2- لېئوپولد ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى دەپ ئېلان قىلغان كونگونى قانچىلىغان يىللارغىچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولغان قاتىلارچە قىلمىشلىرى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ «كونگو قاسساپى» دەپ نام ئالغان ئىدى.

كونگو 1960-يىلى بېلگىيەدىن مۇستەقىل بولۇپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر