تۈركىيە ئاۋستېرىيەنىڭ پ ك ك نامايىشلىرىغا يول قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن  ئاۋستېرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1445170
تۈركىيە ئاۋستېرىيەنىڭ پ ك ك نامايىشلىرىغا يول قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ئاۋستېرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇدا بىر قانچە كۈن نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئەسكلەرتىلىپ، « تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇدا بىر قانچە كۈن نامايىش ئۆتكۈزۈشى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ يېڭى ئىپادىسى بولدى» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئاۋستېرىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن بىر قىسىم تۈركلەرنىڭ يارىلىنىشى ۋە تۈركلەرگە تەۋە بەزى كارخانىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئەيىبلەندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «مەزكۇر نامايىش ئارقىلىق تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تەتۇر تەشۋىقاتىغا يول قويۇلىشى، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇلغانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. تۈركىيەنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورلۇققا قارشى قەتئىي ئىرادىلىك كۈرەشلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن كونكرېت نەتىجىلەرنىڭ مۇھىملىقى بۇ مەنزىرە ئالدىدا تېخىمۇ بەك ئەھمىيىتىنى نامايان قىلماقتا. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە جان تالىشىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاش خاراكتېرلىق بۇ ئۇرۇنۇشلار بىمەنىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىلدى.

ئاۋستېرىيە دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك غا قارشى لايىقىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتىدىمۇ مەسىلىنى كۈندىلىك سىياسەت ئۈچۈن ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىش مەقسەت قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر