لىۋاندىكى ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارشى نامايىشتا 10 كىشى يارىلاندى

لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يولنى قامال قىلماقچى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 10 كىشى يارىلاندى.

1445289
لىۋاندىكى ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارشى نامايىشتا 10 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيرۇتتىن باشقا يەنە، شىمالدىكى تىرابلۇسشام ۋە شەرقتىكى بەقا شەھەرلىرىدىمۇ كەچتىن باشلاپ كوچىلارغا چىققان يۈزلىگەن لىۋانلىقلار ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە تۇرمۇشتىكى قىممەتچىلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

پۇقرالار بېيرۇتتىن تىرابلۇسشامغا تۇتىشىدىغان يولىدىكى جىل دىب رايونىغا يىغىلىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل سىياسىي رەھبەرلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلارنىڭ يولنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئارمىيەنىڭ قاتتىق ئارىلىشىشى بىلەن توسۇپ قىلىندى. ئارمىيەنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن جېدەلدە، 10 نامايىشچى يارىلاندى، بەزى مۇخبىرلارنىڭمۇ تاياق يېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تىرابلۇسشام شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يۈرۈش جەريانىدا، يەرلىك پۇل لىۋان لىراسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ بىۋاسىتە تۇرمۇشتىكى قىممەتچىلىك شەكلىدە پۇقرالارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپلەرنى ئاساس قىلغان سىياسىي بۆلۈنۈش جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز قۇرۇلمىغا ئىگە لىۋان ئىقتىسادىنىڭ 1975 – يىلىدىن 1990 - يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كرىزىسنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  

يەرلىك پۇل لىۋان لىراسى گەرچە مەركىزىي بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىم تۇتقان بولسىمۇ، كۈندىن-كۈنگە قىممىتىنى يوقاتماقتا.

لىۋان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 2 مىليارد دوللاردىن 5 يىلدا جەمئىي 10 مىليارد دوللار كرېدىت ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر