گېرمانىيەدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر پارلامېنت بىناسىغا ئوت قويماقچى بولدى

گېرمانىيەدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر فېدېراتسىيە پارلامېنتى (Reichstag) بىناسىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇندى.

1445341
گېرمانىيەدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر پارلامېنت بىناسىغا ئوت قويماقچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن ساقچىلىرىنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، فېدېراتسىيە پارلامېنتى بىناسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۆزەك تاختىسى بىلەن تاقالغان دېرىزىنىڭ يېرىم كېچىدە ئاسان يانىدىغان سۇيۇقلۇق قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئوتنىڭ فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

نەق مەيدانىدىن قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى، ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر