دونالد ترامپ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن سىننى ئۆچۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ دۆلەتتىكى ئەۋزەللىكىگە ئىشىنىدىغان ئىرقچى گۇرۇپپىلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئاق تەنلىكلەرگە كۈچ» دېگەن شوئارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىننى ھەمبەھىرلىدى.

1445270
دونالد ترامپ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن سىننى ئۆچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن فلورىدانىڭ سۇمتېر شەھىرىدە پىنسىيەگە چىققانلار ئولتۇراقلاشقان «The Villages» رايونىدىكى قوللىغۇچىلىرى تەييارلىغان سىننى ھەمبەھىرلەپ، «<The Villages> نىڭ گۈزەل ئىنسانلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

سىننىڭ بىرىنچى مىنۇتلىرىدىلا تىرامپنىڭ لوزىنكىلىرىنى كۆتۈرىۋالغان ۋە بايراقلار بىلەن بېزەلگەن گولف ئاپتوموبىلىنى ھەيدەۋاتقان بىر قوللىغۇچىنىڭ «ئاق تەنلىكلەرگە كۈچ» دەپ توۋلاۋاتقانلىقى كۆرۈىنىدۇ.

سىننىڭ قالغان قىسمىدا ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن رەقىبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئۆكتىچى قوللىغۇچىلارنىڭ «ناتسىستلار» ۋە «ئىرقچىلار» دەپ توۋلاۋاتقانلىقى كۆرىنىدۇ.

تىرامپ كېيىن ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەيدا بولغان نارازىلىقلاردىن كېيىن ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «پىرېزىدېنت ترامپ <The Villages> خەلقىنىڭ مەستانىسىدۇر، مەزكۈر سىندىكى سۆزنى ئاڭلىماي قاپتۇ.  ئۇنىڭ كۆرگىنى نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلىرىدىكى كۈچلۈك ھاياجاندىن ئىبارەتتۇر» دېيىلدى.

2020 - يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى  بولىدىغان سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جو بايدىنمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

جو بايدىن، ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىرقچىلىقنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، «بىز دۆلەتنىڭ روھى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز. پىرېزىدېنت بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ تەرىپىنى تاللاپ بولدى. ھېچ شۈبھىلەنمەڭلاركى، بۇ بىز غەلىبە قىلىدىغان بىر ئۇرۇش بولىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر