تۈرك ساخاۋەتچلەر نىگېرىيەدە جامەنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى تۈركىيەدىكى دارۇل ئەرقام فوندى جەمئىيىتى پايتەخت ئابۇجادا سالدۇرغان جامەنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

1439764
تۈرك ساخاۋەتچلەر نىگېرىيەدە جامەنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دارۇل ئەرقام فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى يۇنۇس ئەمرە ئاقيول بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پايتەخت ئابۇجانىڭ كۇجې رايونىدا تۈركىيەدىكى ساخاۋەتچىلەر قىلغان ياردەملەر ئارقىلىق بىز سالدۇرغان بىر جامەنى خىزمەتكە كىرىشتۈردۇق. ئەمما، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن جامە ئۇدا ئىككى ئايدىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا. ساخاۋەتچىلىرىمىز سايىسىدا بۇنداق بىر جامەنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىمىش ھەم رايون خەلقى ھەم بىز ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋالدۇر. دەرۋەقە، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> مەزگىلىدە كۆپلىگەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە نىگېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلكىلىرىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەك – ئىچمەك، سۇ قۇدۇقى، تازىلىق ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرى ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر