گۈۋەرجىنادا قەلئەسى UNESCO تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدىكى تارىخىي گۈۋەرجىنادا قەلئەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى.

1426183
گۈۋەرجىنادا قەلئەسى UNESCO تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۈۋەرجانادا قەلئەسى، قۇشئاداسى ناھىيەلىك ھۆكۈمىتىنىڭ «جەنەۋىز سودا يولىدىكى ئاقدېڭىزدىن قارادېڭىزغىچە قەلئەلىك ۋە سېپىللىق ئۇلتۇراق رايونلىرى» ھۆججەتلىك ئىلتىماسىنىڭ، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىغا سۇنۇلۇشىدىن كېيىن، قەلئە، «دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشى  لايىق كۆرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يېڭىلانغان قەلئەنىڭ تارىخى، 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، ياكى 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇشئاداسىغا كەلگەن جەنەۋىزلەرگە تۇتىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەلئە، قۇشئاداسى ناھىيەسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر