بۈگۈن ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان مۇھىم خاتىرە كۈنى

بۈگۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنى 1453 – يىلى 29 – ماي كۈنى ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان مۇھىم خاتىرە كۈنى.

1425512
بۈگۈن ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغان مۇھىم خاتىرە كۈنى

بۈئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قۇدرەت تېپىش ۋە مۇستەھكەملىنىشىنى ئەسلدە ۋىزانتىيە تېرروتېرىيەلىرىنى پەتھى قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى. ھەم ئانادولۇدا ھەم رۇمئېلىدا (ياۋروپا قىتئەسىدە) ئىشقا ئاشۇرۇلغان فەتىھ ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى پەقەت ئىستانبۇلدىنلا تەشكىل تاپقان بىر شەھەر دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى.

1453 – يىلغا كەلگەندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ئىستانبۇلنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىمنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ،  زور قوشۇن بىلەن ئىستانبۇلنى مۇھاسىرە قىلدى. ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇھاسىرە داۋامىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قوشۇنى ئىشلەتكەن تېخنولوگىيەلەر ۋە توپلار 1453 – يىلى 29 – ماي كۈنى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.  شۇنىڭ بىلەن، ئىستانبۇل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولدى. ئوتتۇرا ئەسىرگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى دەۋرنى باشلاتقان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى، دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، غەربتە ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر