ئەردوغان پادىشاھ 2 – ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1422670
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆز-ئارا روزا ھېيتنى تەبرىكلەشكەنلىكى ۋە سۆھبەتتە، تۈركىيە-ئېيودانىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ۋە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) غا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىق تېمىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.