بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 343 مىڭغا ئاشتى.  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 378 مىڭدىن ئېشىپ، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 226 مىڭغا يەتتى.

1422678
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 282 كىشى قازا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 مىڭ 675 كە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ 959 كىشى ئېشىپ، 257 مىڭ 154 كە يەتتى.

ئىتالىيەدە يۇقۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى بىر كۈندە 119 كىشى ئېشىپ،  32 مىڭ 735 كە يەتتى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 570 كىشى ئېشىپ، 57 مىڭ 752 گە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 43 كىشى ئېشىپ، 28 مىڭ 322 گە يەتتى ۋە  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 240 كىشى ئېشىپ، 219 مىڭ 322 گە يەتتى.

ئىسپانىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنى 48 كىشى ئېشىپ، 28 مىڭ 678 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 361 كىشى ئېشىپ، 235 مىڭ 290 غا يەتتى. باش مىنىستىر پېدرو سانچېز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوۋىد -19 نىڭ نېمە ئۈچۈن ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى مويسىپىتلارغا ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغانلىقى تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيەدە 8 مىڭ 352 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، فىرانكفورت شەھىرىدە بىر چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقان 40 تىن كۆپ كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 10-مايدىكى مۇراسىمغا زادى قانچىلىك كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

دانىيەدە 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كوۋىد -19 بىلەن تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى رۇيخەتكە ئېلىندى. يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. دانىيەدە بۈگۈنگە قەدەر 561 كىش ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبدىن قازا قىلغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 11 مىڭ 289 غا يەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر