تۈركىيە ئافغانىستاندا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ نەرات ۋە نىمرۇز ۋىلايەتلىرىدىكى ئېھتىياجلىق 750 ئائىلىگە 40 توننا غىزا ياردەم قىلدى.

1421796
تۈركىيە ئافغانىستاندا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەراتتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەلى ئەرگۇن چىنارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقارما ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە غىزا ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى ياردەمنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ جىددىي ھەم مۇھىم ئىكەن. جۈملىدىن، 40 توننىدىن تەشكىل تاپقان 750 ياردەم يېشىكى، ئافغانىستاننىڭ نەرات ۋە نىمرۇز ۋىلايەتلىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەردىن سىرت يەنە، يېتىمخانىلار، يېتىم بالىلار ، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار جەمئىيىتى قاتارلىق ھەر خىل ئورگان ۋە تەشكىلاتلارغا  تارقىتىپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر