قەدىر كېچىسى ئەيۇپسۇلتان جامەسىدە ئالاھىدە پروگرامما بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ

ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيۇپسۇلتان جامەسىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.

1418768
قەدىر كېچىسى ئەيۇپسۇلتان جامەسىدە ئالاھىدە پروگرامما بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساۋىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «قەدىر كېچىمىزنى ھەزرەتى ئەيۇپسۇلتاننىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكىزىمىز. ئەھمەت ئۆزەن، دۇرسۇن ئەلى ئەرزىنجانلى ۋە ئىسكەندەر پالا ئۇستازلىرىمىز  سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 19 - ماي كەچتە، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 23:00 دە باشلىنىدىغان  پروگرامما رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. سىلەرنى كۈتىمىز" دېدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىشى باشلانغان كېچە شۇنداقلا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسى پائالىيىتى، رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر