تۈرك كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى

تۈرك كېڭىشىنىڭ « غا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش» تېمىلىق پەۋقۇلئاددە يىغىنى.

1399254
تۈرك كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، 2020 – يىلى 10 – ئاپرېل كۈنى «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش» تېمىلىق  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى.  يىغىنغا، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋە تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئىشتىراك قىلدى.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادھانوم گھېبرېيېسۇس تۈرك كېڭىشى رەھبەرلىرىگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش توغرۇلۇق كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. يىغىندا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا قوللىلىنىدىان تەدبىرلەر ۋە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى ئاقساتماسلىق، قاتناش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.  بۇ دائىرىدە، «خەلقئارا ترانس – ھازار شەرق – غەرب قاتناش كارىدورى» تىرانسپورتىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قاتناش ۋە سودا مىنىستىرلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنلىرىنىڭ چاقىرىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق بېرىلدى. يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قولللىنىش قارارلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا يەنە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتالمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. رەھبەرلەر بۇ كىشىلەرگە كېرەكلىك قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىىنى بىلدۈردى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. يىغىندىن كېيىن رەھبەرلەر ئورتاق قارارنامىنى ماقۇللىدى.

ئالدىنقى ھەپتە تۈرك كېڭىشى تۈرك سودا - سانائەتچىلەر ۋە  كارخانىچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ،  سودا ساھەسگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانىدى. يىغىنغا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە داۋاملىق  ئۇچرىشىشپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىندى.

تاموژنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئالاقىدار  ئۇچۇرلارنىڭ كومپىيۇتېر مۇھىتى ئاستىدا تارقىتىلىشى، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ  ئېلدۆلەت سىستېمىسىنى تاماملىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دائىرىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانىدەك، تور بىخەتەرلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا لىنىيە دەپ بىلىنىدىغان ۋە تۈركىستاننى ئانادولۇ ۋە غەربكە تۇتاشتۇرىدىغان «تارانس ھازار قاتناش لىنىيەسى» نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ.  تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتقا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ يېمەك – ئىچمەككىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە  ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىمكانيتلىرىگە ئىگە. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن كېيىنكى باسقۇچتا بىر – بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆزئارا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن كېيىنكى باسقۇچتىكى كۈچلۈك بىر  تۈرك دۇنياسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە وپايدىلقتۇر. تۈرك كېڭىشى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق «تۈركلەرنىڭ كېلەچىكى – 2040 – يىلى» پىروگراممىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش يولىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر