گېرمانىيەدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئازان ئۇقۇلىۋاتقان مەسچىتلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

گېرمانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19)  يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارغا رىغبەت بولسۇن ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن 8 ى تۈركلەرگە تەۋە، جەمئىي 13 مەسچىتتە تۇنجى قېتىم ياڭراتقۇلار ئارقىلىق ئازان ئوقۇلدى.

1392887
گېرمانىيەدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئازان ئۇقۇلىۋاتقان مەسچىتلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋۇپپېرتال شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى (DİTİB) غا قاراشلىق 29 يىللىق ئېلبېرفېلد مەركىزى جامەسىنىڭ دىنىي خادىمى مۇستافا ئاقكايا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك-ئىسلام بىرلىكى (DİTİB) غا قاراشلىق 25 يىللىق ۋوھۋىنكېر  مىمار سىنان جامەسىنىڭ دىنىي خادىمى ھەسەن ھۈسەيىن شەن ۋە تۈك فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 23 يىللىق ئېلبېرفېلد ئالپەرەن جامەسىنىڭ دىنىي خادىمى كەمال ياۋۇز تۇنجى قېتىم ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئازان ئوقۇدى.

تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەردىكى جامىلەردە  ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئازان ئوقۇش 19 - ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئىلگىرى يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان قارارلار بىلەن گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىكى 100 گە يېقىن جامىدە جۈمە ۋە شام نامازلىرى ئۈچۈنلا ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئازان ئوقۇلاتتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن جامە ۋە باشقا ئىبادەت مەركەزلىرىدە ئاممىۋى دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر