لىۋىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بۈگۈن چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى قىسىملىرى پايتەخت تىرابلۇسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىككىنچى ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك بازا بولغان ۋاتىييەنىڭ كونتىروللۇقىنى تولۇق ئالقىنىغا ئالدى.

1385041
لىۋىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بۈگۈن چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ «تىنچلىق بورىنى ھەرىكىتى»گە قوماندانلىق قىلغان مايور گېنېرال ئوسامە جۇۋەيلى ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ كونتروللۇقىنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جۇۋەيلى ب د ت نىڭ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا پىسەنت قىلماستىن، ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تىرابلۇسقا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا  بۈگۈن ئەتىگەن ئوخشىمىغان ئۈچ تەرەپتىن ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان جۇۋەيلى، بولۇپمۇ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزىغا قىلغان ھۇجۇمدا بازىسىنىڭ كونتروللۇقىنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىتىگا ئايرودرومىدىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋاتىييە 2014 - يىلى 8 - ئايدا ھافتەر ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغان بولۇپ، لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى قىسىملىرى 2019 - يىلى 4 - ئايدا بازىنىڭ كونتىروللۇقىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئالقىنىغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق يەنە قايتا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر