ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ 3 خىل ئۇسۇلدا يوقىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلدا يوقىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1383514
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ 3 خىل ئۇسۇلدا يوقىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى، بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت جەيخان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدە، بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن  باشقا ئىنسانلارغا  يۇقۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،:«كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 2 كۈندىن 14 كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ ۋىرۇس تارقىلىشچان زۇكام، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، قىزىلئۆڭگەچ قاتارلىق تامچىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سارس ۋە مەرس  يۇقۇمىدا بولسا، كېسەللىك  ئالامەتلىرى باشلانغاندىن كېيىن تارقىلاتتى. ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسىدا بۇ كېسەللىك يوشۇرۇن مەزگىلىدە  باشلىنىدۇ. شۇڭا ، ئېھتىياتچان بولۇش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم» دېدى.

سارس ۋە مەرس  بىلەن سېلىشتۇرغاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇمچان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جەيخان، بۇ  يۇقۇملۇق ئاپەتنى 3 خىل ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ: «ياكى ئىنسانلارنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمى ئىممونىت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ۋىرۇس تارقىمايدىغان بولىدۇ. ياكى ۋاكسېنا تېپىلىدۇ ۋە  ۋاكسېنا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئىممونىت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچىسى، ۋىرۇس ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىپ، ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك پەقەت مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئاخىرلىشىدۇ. مەسىلەن، سارس كېسەللىكىدە ۋىرۇس بەلكىم ئۆزگەرگەن ۋە شۇ شەكىلدە ئاخىرىلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر