بۈگۈن «رەغائىب قەندىلى» كېچىسى

«رەغائىب قەندىلى» بۈگۈن كېچە ئىدراك قىلىنىدۇ.

1367608
بۈگۈن «رەغائىب قەندىلى» كېچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رەھمەت، بەرىكەت ۋە مەغپىرەت مەۋسۇملۇق مۇبارەك ئۈچ ئايلار يېتىپ كەلدى. بەزى كۈنلەر ۋە كېچىلەر ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي ھېس – تۇيغۇلار جۇش ئۇرىدىغان  زامانلار بولىدۇ. بۇ مۇبارەك ئۈچ ئايلار ۋە <رەغائىب قەندىلى> كېچىسى، يارتىلىش غايىسى ۋە قۇللۇق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى شۈكۈر قىلىش، سۆز – ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ھاياتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مىسلىسىز رەھمىتىگە يۈزلىنىپ، گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. بۇ مۇبارەك ئۈچ ئايلار ۋە بۇ كېچىنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھىدايەت تېپىشى، تىنچلىق ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر