قازاقىستان خەلق مۇزىكا ئەترىتى جېننېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

قازاقىستاندا ئەنئەنىۋىي خەلق مۇزىكا ئەترىتى جېننېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرىش ئۈچۈن ئۈزۈلدۈرمەي 75 ناخشا ئورۇندى.

1361559
قازاقىستان خەلق مۇزىكا ئەترىتى جېننېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت نۇرسۇلتاندا ئالتۇن ئوردا دۆلىتىنىڭ قۇرلغانلىقىنىڭ 750يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، نۇرسۇلتان ئوركىستىراسى ئەنئەنىۋىي خەلق مۇزىكا ئەترىتى «قورقىت» كونسېرت بەردى.

ئەنئەنىۋىي خەلق مۇزىكا ئەترىتى «قورقىت» ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى بىلەن ھەم قازاق ھەم چەت ئەل مۇزىكىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 75 ئەسەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئورۇنلىدى.

نۇرسۇلتان ئوركىستىراسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۇنجى قىتىم ئۈزۈلدۈرمەستىن 75 ئەسەرنىڭ ئورۇندالغانلىقى تەكىتلەندى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ جېننېس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرىش ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر