ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتى دائىرىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 31 – يانۋاردىن 3 – فېۋرالغىچە ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەرگە قىلغان زىيارىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1354642
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2020 – يىلى 31 – يانۋاردىن 3 – فېۋرالغىچە ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولدى. يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيادىن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكى توغرۇلۇق تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، پومپېيونىڭ بۇ زىيارىتى ئەھۋالنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.  

پومپېيو رايونلۇق زىيارىتىنى ئۇكرائىنادىن باشلىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بولغان رىقابىتىدە ھەمىشە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تايىنىدۇ. بىراق ئۇكرائىنا - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنى نۆۋەتتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە دېيىشكە بولمايدۇ. «ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت» دېيىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كىيېۋغا ھازىرغىچە يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىگىنى يوق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ تېخىچە بوش تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا ترامپقا قارشى باشلىتىلغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكشۈرۈشىگە ئۇكرائىنانىڭ ئىسمى ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ تۇنجى ئامېرىكا زىيارىتىمۇ ئىشقا ئاشقىنى يوق. بۇ مەسىلە تەرەپلەر ئارىسىدا مۇھىم كوزېرغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنچە كۆپ سەلبىيلىكلەرگە قارىماي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروئاسىيا سىياسىتىدە ئۇكرائىنانىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

پومپېيو 1 – فېۋرال كۈنى بېلارۇسىيەگە ئۆتتى. رۇسىيە بىلەن پۈتۈنلىشىش ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىدە موسكۋا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان بېلارۇسىيە، ئارىدىن 26 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى كۈتۈۋالدى. زىيارەت ھارپىسىدا بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو رۇسىيەدىن قامداۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قامدايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭغا بېلارۇسىيەنى «ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىش بىلەن جاۋاب قايتۇردى. لۇكاشېنكو بىلەن پومپېيونىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى باش ئەلچىخانا قۇرۇلۇشى، 2008 – يىلدىن بۇيان بوش تۇرۇۋاتقان باش ئەلچىخانىلارغا باش ئەلچىلەرنىڭ تەيىنلىنىشى، نېفىت ئېكىسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ زىيارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بىراق لۇكاشېنكونىڭ بۇنى كىرېمىل سارىيى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلىرىدە كوزېر قىلىپ ئىشتىلىدىغانلىقى ناھايىتى روشەندۇر.

پومپېيو 2 – فېۋرال كۈنى نۇرسۇلتاندا قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. پومپېيونىڭ قازاقىستان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى پائالىيەتلىرى، ئامېرىكا – قازاقىستان سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بار ئىدى. پومپېيو نۇرسۇلتاندا خىتايدىن كەلگەن قازاق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتايغا قارشى كوزېر قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

پومپېيو 3 – فېۋرال كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە C5+1 يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىن ئايرىم بىر پىروگراممىنىڭ تېمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە پومپېيونىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمايمىز.

2018 – يىللىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد، قازاقىستان بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 2.1 مىليارد، بېلارۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليون، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 300 مىليون دوللار ئىكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەر تولىراق رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنى يېنىغا تارتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ رۇسىيەنى تۆت تەرەپتىن قورشاش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى مۇھىمدۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 29 – يانۋار كۈنى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. مەزكۇر رايون دۆلەتلىرىگە نىسبەتەنمۇ قىرىمنىڭ بېسىۋېلىنىشىدىن كېيىن رۇسىيەنى تىزگىنلەيدىغان كۈچ سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورمال ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيە ياۋروئاسىيانىڭ مۇھىم دۆلەتلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەپ،  رايوندىكى نوپۇزىنى كۈچەيتمەكتە. رايون دۆلەتلىرى بىلەن پىكىر بىرلىكى ھدسىل قىلىش پۈتكۈل رايونغا پايدىلىقتۇر. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ يىل ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشىمۇ بۇ غايىغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر