فىرانسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

فىرانسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكى % 54 ئاشتى.

فىرانسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىسلام كېڭەشگە قاراشلىق فىرانسىيە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى كۆزىتىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ زەكرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، فىرانسىيەدە 2019 – يىلى ئىسلام دۈشمەنلىكى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 54 ئېشىپ كەتكەن.  دۆلەتتە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملار بولۇپمۇ روكنېس – ئالپېس، پاكا ۋە پارىژنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا يۈز بەرگەن. بۇلتۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ 154 كە يەتكەن.

 ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 2018 – يىلى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ سانى 100 گە يېتىدىغان بولۇپ، ئىسلام بىلەن تېررورىزم ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. جۈملىدىن، فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئوخشاشلا تىنچ – ئامان ياشاش ھوقۇقى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيەدە كۆپىنچىسى شىمالىي ئافرىقىلىق تەخمىنەن 5 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىكەن. فىرانسىيە ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇسۇلمانلار ياشايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر