«ئىنشائەللاھ» نېمىسچە قامۇسقا كىردى
مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كۈندىلىك ھاياتتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان « خۇدايىم بۇيرىسا» ئىبارىسى نېمىسچە قامۇسقا كىرگۈزۈلدى.
1335567
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە «ئەڭ مۇھىم قامۇس» تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىدىغان، دۆلەتتە ئىملا قائىدىسى ۋە لۇغەت مەسىلىسىدە سۆز ساھىبى بولغان «دۇدېن» نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، «ئىنشائەللاھ» كەلىمىسىنىڭ نېمىسچسى قامۇسقا، « inschallah» شەكلىدە كىرگۈزۈلگەن. تور بېتىنىڭ خەۋرىدە، كەلىمىنىڭ «خۇدايىم بۇيرىسا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىبارىنىڭ ئەرەبچە بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈندىلىك ھاياتتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە، «ئىنشائەللاھ» ئىبارىسىنىڭ «دۇدېن» تەرىپىدىن يېڭى نەشىر قىلىنىدىغان قامۇسقا كىرگۈزۈلۈپ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن.