2020 - يىللىق تۈركىيە - ياۋروئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

2020 – يىلى تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەر.

1333555
2020 - يىللىق تۈركىيە - ياۋروئاسىيا  مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

2020 - يىللىق تۈركىيە - ياۋروئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا. ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىن، بۇ مۇناسىۋەتلەر ھەممە ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، يېڭى باسقۇچتا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، «قايتىدىن ئاسىياغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» تېمىسى ئاستىدا بېكىتىپ چىقىشى، تۈركىيە – ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروئاسىيانىڭ ھالقىلىق دۆلەتلىرىدىن بىرى، شەك – شۈبھىسىز ھالدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدۇر. تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردا ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. تۈركىيە رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن بولدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق يۈزتۇرانە، تەخمىنەن  50  قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشۈشىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا رۇسىيە – تۈركىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2020 – يىلىنىڭ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ. رۇسلارنىڭ يېڭى يىلدا بىر ھەپتە تەتىل قىلىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، پۇتىننىڭ 2020 – يىلى 8 – يانۋار كۈنى ئىستانبۇلغا قىلىدىغان زىيارىتى، ئۇنىڭ 2020 – يىللىق تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پۇتىن رۇسلارغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولغان «زەپەر بايرىمى» نىڭ 75 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەكلىپ قىلدى. «تۈرك ئېقىمى»، «ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى»،  «<400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى»، «ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى»، «ساياھەت ساھەسى»، «سۈرىيە كىرىزىسى» قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ ئىشلار باردۇر.

2019 – يىلى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاپ چىققان ئۇكرائىنانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي تەتىل ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى ۋە 7 – ئاۋغۇست كۈنى ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. قارادېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى، قىرىم مەسىلىسى، ئورتودوكس چېركاۋى قاتارلىق مۇھىم رايونلۇق مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت بىر – بىرىنى قوللىماقتا. شۇڭا، 2020 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم ھالەتتە ئىزچىل داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.

يەنە بىر سىلاۋىيان دۆلىتى بولغان بېلارۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى كېتىۋاتىدۇ. بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو 2019 – يىلى 16 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. 2020 – يىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىكى تام قوشنىسى گىرۇزىيەدۇر. تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە خەلقئارالىق تىرانزىت دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن،  2020 – يىلى گىرېتسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. باكۇ – تىفلىس – قارىس تۆمۈر يولىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان، باكۇ – تىفلىس – جەيھان ۋە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق شەرقنىڭ نېفىتى غەربكە يۆتكىلىدۇ.

ئەزەربەيجان ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، تۈركىيەنىڭ ھازار تەرەپكە ئېچىلىدىغان مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ھەمكارلىىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان «ئۈچ تەرەپ مىخانىزمى» 2020 – يىلىمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە 2019 – يىىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاجىكىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى، تۈركىيەنىڭ شەرقتىكى مۇسۇلمان ۋە تۈركىي دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىشى ۋە ئۆز ئىستىراتېگىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى، ئاسىيا ھەمكارلىق دىيالوگىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇشتىن سىرت يەنە، ئاسىيانىڭ قەلبى  - ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە 2020 – يىلى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى ناھايىتى يۈكسەكتۇر. تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستان ئەزا، تۈركمەنىستان كۆزەتكۈچى بولغان تۈرك كېڭىشى پائالىيەتلىرىنى  كۈچىنى يەنىمۇ زورايتقان ھالدا داۋاملاشتۇرىدۇ.  تۈرك كېڭىشىنىڭ 2020 – يىللىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى تۈركىيەدە چاقىرىلىدۇ. 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر ئويۇنلىرى مۇسابىقىسىنىڭمۇ 2020 – يلى بۇرسادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى نەزەردا تۇتۇلغىنىدا، ئىلگىرى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگىنىگىگە ئوخشاش، ئىككى مۇھىم پائالىيەتمۇ ئارقىمۇئارقا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. يېڭى يىل ھارپىسىدا ياكى 2020 – يىلى ئىچىدە قازاقىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ تۈركىيەدە تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

تۈركىيە تۈرك دۇنياسىنىڭ رەھبىرى سەۋىيەسىدىكى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 2020 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك دۇنياسى خەلقئارالىق ئورگانلىرى بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى، تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىغا ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى سېلىنمىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بولۇشى، تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن پۈتۈنلۈشىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلىشىغا ۋەسىلە بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ2019 – يىلى 6 – دېكابىر كۈنى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھدجەتكى، 2019 – يىلى تۈركىيە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ، ئەزەربەيجانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

يىغىپ ئېيتقاندا، 2020 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ۋە ئىنسانىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ياۋروئاسىيا رايونىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، يېڭى يىلنىڭ ئۇتۇقلۇق يىللاردىن بىرى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر