قىرغىزىستاندا خەلقئارا قىسقا فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 9 – نۆۋەتلىك خەلقئارا قىسقا فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپات تارقىتىلدى.

1324178
قىرغىزىستاندا خەلقئارا قىسقا فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىشكەكتىكى ماناس كىنوخانىسىدا فىرغىزىستان كۈلتۈر، ئۇچۇر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن قىرغىزىستان كىنوچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق 12دېكابىردىن 15دېكابرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا، قىسقا فىلىمنى سۆيدۈرۈش، بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتلارنى قوللاش ۋە ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر، بالتىق دۆلەتلىرى ۋە گىرۇزىيە، كىرودىيەدىن بولۇپ، جەمئىي 14 فىلىم كۆرسىتىلدى.

خەلقئارالىق مۇسابىقىدە، لېتونىيەلىك ئاندرانا روز رېژىسسورلۇقىنى قىلغان «گۇرۇپپا ۋە مەن» ناملىق فىلىم ئەڭ ياخشى قىسقا فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئۇكرائىنالىق مارېنا روشىنا رىژېسسورلۇقىنى قىلغان «خۇشاللىقتا ۋە پەقەتلا خۇشاللىقتا» ناملىق فىلىم ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈش رېژىسسورى مۇكاپاتىغا شۇنداقلا رۇسىيەلىك ماكسىم كاچپا رېژىسسورلۇقىنى قىلغان «قاراڭغۇلۇقتا» ناملىق فىلىم باھالىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياش رېژىسسورلارنىڭ ھەر بىرىگە 750 دوللاردىن پۇل تارقىتىپ بېرىلدى.

رېژىسسور فەرھات بېكمانبېكوۋ: «كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان 10نۆۋەتلىك قىسقا فىلىم فېستىۋالىغا، ھەر قېتىملىق فېستىۋالىمىزغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان 300 رېژىسسورنى تەكلىپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرگە قايتا قويۇپ بېرىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر