مەنەمەن

«مەنەمەن» تەييارلاش ئۇسۇلى

مەنەمەن

مەنەمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ناشتىلىق» تۈركلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقىدا قەھۋە ئەمەس، چاي ئىچىلىدۇ. چاي ئىچىش ئۈچۈن پىيالىنىڭ ئورنىغا كىچىك ئىستاكانلار ئىشلىتىلىدۇ. قەھۋە بولسا ناشتىلىقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ. دەرۋەقە، ناشتىلىقنىڭ تۈركچىدىكى مەنىسىمۇ «قەھۋە ئالتى؛ يەنى قەھۋە ئىچىشتىن بۇرۇن» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنىدۇ. ناشتىلىقتا چاي بىلەن بىرلىكتە ئېرىمچىك بىلەن زەيتۇن ئىستېمال قىلىنىدۇ. چۈنكى تۈركلەردە ناشتىلىقتا زەيتۇن كەم بولسا زادى بولمايدۇ. ئېرىمچىككە كەلسەك، ھەر خىل ئېرىمچىكلەر ناشتىلىقتا ئىستېمال قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئاق ئېرىمچىك ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈركلەرگە خاس ناشتىلىق داستىخىنىدا ئادەتتە ماتېرىياللار ناھايىتى مول بولىدۇ. مەسىلەن، زەيتۇن، ئېرىمچىك، سېرىق ماي، ھەسەل، مۇراببا قاتارلىقلار ناشتىلىق داستىخىنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پىشۇرۇلغان تۇخۇملار، كۆكتاتلار، پەمىدۇر سالاتلار، كۆكمۇچ ۋە تۈرلۈك – تۈرلۈك يېشىل كۆكتاتلارمۇ ناشتىلىق داستىخىنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.    

بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، «مەنەمەن» تەييارلاش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«مەنەمەن» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 4 دانە پەمىدۇر
  • بىر دانە پىياز
  • 4 دانە كۆكمۇچ
  • ئۈچ دانە تۇخۇم
  • ئىككى قوشۇق ياغ
  • يېرىم قوشۇق تۇز
  • يېرىم قوشۇق قارىمۇچ

«مەنەمەن» تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، پىياز ۋە پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويۇپ، شېكەر شەكلىدە توغراڭ.
  • كۆكمۇچنى ئۇزۇنىسىغا كسىپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يېرىم ئاي شەكلىدە كېسىڭ.
  • ياغنى قىزىتىپ، پىيازنى 4 – 5 مىنۇتتەك قورۇڭ.
  • كۆكمۇچنى ئىلاۋە قىلىپ، قورۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
  • توغرالغان پەمىدۇرنى ئىلاۋە قىلىڭ ۋە سۈيىنىڭ كۆپ قىسمى سىڭگەنگە قەدەر باشقا ماتېرىياللار بىلەن بىرلىكتە پىشۇرۇڭ.
  • تۇخۇم، تۇز ۋە قارىمۇچ ئىلاۋە قىلىپ، بىر قاچىدا مالتىلاڭ ۋە قازاندىكى پەمىدۇرلۇق خۇرۇچقا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • بىر تەرەپتىن مالتىلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، قورۇپ، 3 – 4 مىنۇتتەك پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.    


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر