ئەردوغان «كامبىرىج جامەسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

ئەنگلىيەنىڭ كامبىرىج شەھىرىدە بىنا قىلىنغان ۋە ياۋروپانىڭ تۇنجى «مۇھىت ئاسراش دوستى» جامەسى ھېسابلىنىدىغان «كامبىرج جامەسى» جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىشتىراك قىلغان مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1318711
ئەردوغان «كامبىرىج جامەسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۇدا 10 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان خىزمەتنىڭ مېۋىسى بولغان «كامبىرج جامەسى» نىڭ ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ھەمدە ئۇقۇمى «تىنچلىق» بولغان بىر دىننىڭ ئسىمىنى «تېررورىزم» ئىبارىسى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىشنىڭ خاتالىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەي غەرب ئەللىرى! سىلەرنىڭ تېررورىزم  بىلەن ئىسلامنى بىرلىكتە تىلغا ئېلىش ھوڭۇقۇلار يوق،  ئەگەر بۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى لەنەتلەيمىز. دەرۋەقە، ئىسلامنىڭ ئىچىدىن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر تېررورچى چىقتى دەپ ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزەلمەيسىلەر، <ئىسلامىي تېررورىزم> دېيەلمەيسىلەر. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، نۆۋەتتە مەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈركىيە دائېشقا قارشى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك  كۈرەشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتتۇر.»

مەسۇم ئىنسانلار نىشان قىلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىق ھەم ھەرىكەتنى قەتئىي رەت قىلىش ۋە بۇنىڭغا قارشى چىقىش مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، تارىخىي گۇمانلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، نەپرەت جىنايەتلىرىگە قارشى بىرلىكتە  كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، غەربلىك سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى چەتكە قېقىش، ئەيىبلەشلەردىن يىراق تۇرۇشلىرى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

«كامبىرىج جامەسى» لايىھەسىگە باشلىمچىلىق قىلغان دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچى يۈسۈف ئىسلاممۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ناھايىتى خۇشىللىنارلىق بىر خىزمەتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن 42 يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ لوندوندا يېڭى سېلىنغان بىر جامەگە بېرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «كامبىرج جامەسى» لايىھەسىدە، ئىسلام  دىنىنىڭ ئېستېتىك سەنئەت ئېڭى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشاش تەرزىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە تەبىئەتنى قوغداش ئاساس قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر