رايسۇنى: ياۋروپادا مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچى ھۇجۇملار فىرانسىيەنىڭ ئىجادىيىتى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باشلىقى ئەھمەد ئەررايسۇنى ياۋروپادا مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچى ھۇجۇملارغا قارىتا فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى.

رايسۇنى: ياۋروپادا مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچى ھۇجۇملار فىرانسىيەنىڭ ئىجادىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەد ئەررايسۇنى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە، «ئىسلامغا ئەڭ دۈشمەن دۆلەت فىرانسىيەدۇر» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.

ئەھمەد ئەررايسۇنى ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچى، سىياسىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ فىرانسىيەدە ئىجاد قىلىنغانلىقىنى، فىرانسىيەدە تېڭىش ئارقىلىق سىناق قىىلىنغانلىقىنى، كېيىنچە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھمەد ئەررايسۇنى نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رادىكالىزم ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تونى ئاستىدا، مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئىسلامغا، ئىسلام كۈلتۈرىگە ۋە تىلىغا قارشى ئەمدىلىكتە ئاشكارا ئۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد ئەررايسۇنى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ جامەلەر تاقىۋېتىلگەن ۋە بۇ جامەلەرنى ئېچىشنى خالىغانلار نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغان دۆلەتنىڭ فىرانسىيە ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ھازىرمۇ ئۆزىنى ئەينى چاغدا ئافرىقىدا مۇستەملىكىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ۋارىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇ يەرلەردىكى ئىسلامىي پائالىيەتلەرنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر