مەۋلۇت قەندىلى تائەت – ئىبادەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەندى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان مەۋلۇت قەندىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تائەت - ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئىدراك قىلىندى.

1303176
مەۋلۇت قەندىلى تائەت – ئىبادەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەندى
kandil3.jpg
kandil2.jpg
kandil1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەڭ خەلق ئاممىسى مەۋلۇت قەندىلىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە جامەلەرگە سەلدەك ئاقتى. مۇقەددەس كېچىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى، ھۆكمەتلەر ئېيتىلدى.

مەۋلۇت قەندىلى كېچىسىدە، پايتەخت ئەنقەرەدە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئادرېسى «‹ھاجى بايرام› جامەسى»، ئىستانبۇلدا بولسا «‹ئەييۇب سۇلتان› جامەسى» بولدى. باتماندا تۈركچە، كوردچە ۋە ئەرەبچە مەۋلۇت ۋە قەسىدىلەر ئوقۇلدى، ھۆكمەتلەر ئېيتىلدى. «شېھىتلار دىيارى» دەپ ئاتالغان قارس ۋىلايىتىنىڭ سارىقامىش ناھىيەسىدە نامازدىن كېيىن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ساقىلى» جامائەتكە كۆرسىتىلدى.

ئەدىرنە، قىرىقلارەلى، ئادانا، خاتاي، شانلىئۇرفا، بۇرسا، كۈتاھيا، ئەرزىنجان ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا مەۋلۇت قەندىلى تائەت – ئىبادەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر