دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايروپىلان ئۇچۇشى

ئاۋستىرالىيەنىڭ بىر ترانسپورت شىركىتى «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايروپىلان ئۇچۇشى» نى غەلىبىلىك سىناق قىلدى.

1291576
دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايروپىلان ئۇچۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «BBC» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «The Boeing 787-9» تىپلىق ئايروپىلان ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىن ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىگە بىۋاستە ئۇچۇپ، 16 مىڭ 200 كېلومېتىرلىق مۇساپىنى 19 سائەت 16 مىنۇتتا تاماملىغان.

ئۈزلۈكسىز، بىۋاستە ئۇچۇشنىڭ ئۇچقۇچىلارغا، ئايروپىلان خادىملىرىغا ۋە يولۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭمۇ بىر پارچىسى بولغان بۇ قېتىمقى ئۇزۇن ئۇچۇش سىنىقىدا، ئايروپىلاندا 49 يولىچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇش سىنىقى جەريانىدا، ئايروپلاىن قوزغىلىشتىن ئىلگىرى يولىچىلارنىڭ سائەتلىرى سىدنېي ۋاقىتىغا توغرىلاندى. ئۇچۇشتىن 6 سائەت كېيىن ئۇيقۇنى ئاسانلاشتۇرۇدىغان يۇقىرى كاربونلۇق تاماق تارقىتىپ بېرىلدى.

شىركەت كېلەر ئاي يەنە، لوندوندىن سىدنېيگە توختاۋسىز بىۋاستە ئۇچۇشنى پىلانلىماقتا.

شىركەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سىناق ئۇچۇشلارنىڭ نەتىجىسى ئىجابىي بولغان تەقدىردە، 2022ياكى 2023يىلىدىن ئېتىبارەن رەسمىي ئايروپىلان قاتناشلىرىنىڭ باشلىنىشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر