تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرسى نۇرى پاكدىل بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى

تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم زاتلىرىدىن بىرسى، يازغۇچى، شائىر ۋە مۇتەپەككۇر نۇرى پاكدىل داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى.

1290580
تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرسى نۇرى پاكدىل بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نۇرى پاكدىل نەپەس يولى ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان بىلكەنتتىكى ئەنقەرە شەھەر دوختۇخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، 85 يېشىدا بۈگۈن (18-ئۆكتەبىر) ئالەمدىن ئۆتتى.

نۇرى پاكدىلنىڭ جىنازە نامىزى ئەتە (19- ئۆكتەبىردە) ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىدە پېشىن نامىزىدىن ئوقۇلىدۇ، ئاندىن يەرلىكىگە قويىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن نۇرى پاكدىلنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە تۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر تارقاتتى.

ئىبراھىم كالىن تۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «ھۆرمەتلىك نۇرى پاكدىل ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ماڭدى. ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. يەنە بىر گۈزەل ئىنسان كېتىپ قالدى. ماكانى جەننەت بولسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر