ئىران تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللىغان پۇتبول ماھىرىنى جازالىدى

تىراكتور پۇتبول كوماندىسى چولپىنى مەھدى بەبرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيە بايرىقىنى ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللاندى.

ئىران تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللىغان پۇتبول ماھىرىنى جازالىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تراكتور پوتبۇل قوماندىسى تەنتەربىيەچىسى مەھدى بەبرىگە تەنتەربىيەچىلىكتىن تاشقىرى پوزىتسىيەلەردە بولغانلىقى تۈپەيلى مۇسابىقىلاردىن ۋاقىتلىق ئۇزاقلاشتۇرۇش جازاسى بېرىلدى» دېيىلدى. 

مەھدى بەبرىگە ھاقارەت قىلغان سىنانتى نەففى ئابدان كوماندىسى تەنتەربىيەچىسى سىرۋان قۇربانىغىمۇ ئوخشاش جازا بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، پۇتبول ماھىرلىرى ۋە كوماندا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاخىرىقى رەسمىي قارار ئۈچۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تىراكتور پۇتبول كوماندىسى چولپىنى مەھدى بەبرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيە بايرىقى ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلەشكەن بولۇپ، ئېغىر تەنقىدلەردىن كېيىن يۇيۇۋەتكەن ئىدى.

«تىراكتور پۇتبول كوماندىسى» ئىران نوپۇسىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدىغان جەنۇبىي ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر