زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى

«زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1286901
زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى

زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گۈرۈچ ۋە پىيازنىڭ دورا-دەرمانلار بىلەن لەززەتلەندۈرۈلۈپ، ئاسما ئۈزۈم ياپراقلىرى بىلەن تۈگۈلۈشى ئارقىلىق ئېتىلىدىغان «زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» نى ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز رايونلىرىدا دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى پەرقلىق بولغاچقا، ئېتىش ئۇسۇلىدا ئانچە – مۇنچە پەرقلەر بار بولسىمۇ، ئىسىملىرى ئوخشىمىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش تائامدۇر. «زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» تۈركىيەدە مەزە ياكى قوشۇمچە تائام سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇنى چاي بىلەن بىرلىكتە، ھەتتا ناشتىلىق داستىخانلىرىدىمۇ ئۇچرىتالايسىز. گۆشسىز پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، گراخامىستلار بىلەن  گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەرنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدۇ.

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، «زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 300 گىرام ئاسما ئۈزۈم ياپرىقى
  • بىر دانە لىمون
  • 4 قوشۇق زەيتۇن يېغى
  • بىر ئىستاكان قايناق سۇ

ئىچكى قىسمى ئۈچۈن؛

  • يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • ئۈچ دانە ئۇششاق توغرالغان پىياز
  • بىر يېرىم ئىستاكان گۈرۈچ
  • بىر ئىستاكان قايناق سۇ
  • بىر قوشۇق قارىغاي ئۇرۇقى
  • بىر قوشۇق قۇرۇق ئۈزۈم
  • بىر چاي قوشۇقى تۇز
  • بىر چاي قوشۇقى قارىمۇچ
  • بىر چاي قوشۇقى پىننە
  • بىر چاي قوشۇقى پىمېنتا
  • يېرىم چاي قوشۇقى قوۋزاق دارچىن

«زەيتۇن يېغىلىق ياپراق سارمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، ئاسما ئۈزۈم ياپراقلىرىنى، تۇزىنىڭ كېتىشى ئۈچۈن قايناق سۇ بىلەن توشقۇزۇلغان بىر قاچىدا بەش مىنۇتتەك قويۇڭ. ئاندىن تۇزىنى تەرك ئەتكەن ياپراقلارنى سۇدىن چىقىرىپ، سۇغۇق سۇدا چايقاپ، ئارتۇق سۈيىنى سۈزۈڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، سارمىنىڭ ئىچىنى تەييارلاش ئۈچۈن؛ يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغىنى بىر قازانغا سېلىپ، پىياز ۋە قارىغاي ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ قورۇڭ.
  • گۈرۈچلەرنى تاكى كىراخمالى كەتكەنگە قەدەر يۇيۇڭ.
  • پىيازلار قورۇلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى ئىلاۋە قىلىڭ ۋە قورۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئارقىدىن نۆۋەت بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم، پىننە، تۇز ۋە قارىمۇچلارنى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاتۇرۇڭ.
  • بىر ئىستاكان سۇ ئىلاۋە قىلىپ، گۈرۈچلەرنى تىرىك ھالەتتە پىشۇرۇڭ.
  • گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن تاكى ئىللىق ھالەتكە كەلگەنگە قەدەر كۈتۈڭ. ئاندىن ئىچىگە قوۋزاق دارچىن ۋە پىمېنتانى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ ۋە ئىللىق ھالغا كېلىشىنى كۈتۈڭ.

ئەمدى نۆۋەت ياپراقلارنى تولدۇرۇشقا كەلدى؛

  • ياپراقنى بىر - بىرلەپ قولىڭىزغا ئېلىپ، تومۇرلۇق قىسمى ئۈستى تەرەپتە تۇرىدىغان شەكىلدە تەكشى يەرگە يېيىڭ.
  • زېدىلىمەستىن ئىتتىك بىر پىچاق بىلەن ساپ قىسمىنى كېسىڭ.
  • ياپراقلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بىر تاتلىق قوشۇقى گۈرۈچ ئارىلاشمىسىنى قويۇڭ.
  • ياپراقنىڭ چەتتە قالغان قىسىملىرىنى ئوتتۇرىسىدىن تۈگۈڭ.
  • سارما قازىنىنىڭ تېگىنى بىرقانچە ئاسما ئۈزۈم ياپرىقى بىلەن يېپىڭ.
  • سارمىلارنى قاتار – قاتار قىلىپ تىزىڭ.
  • لىموننى ھالقا شەكىللىك قىلىپ تىلغاندىن كېيىن، سارمىلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • پىشىش ئەسناسىدا ئېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن؛ ئۈستىنى تەكشى بىر تەخسە بىلەن يېپىڭ.
  • بىر يېرىم ئىستاكان قايناق سۇ بىلەن ئىككى قوشۇق زەيتۇن يېغىنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، سارمىلارنى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوتتا 35 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.
  • تائامنى ئىللىق ياكى سۇغۇق ھالەتە ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.    

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر