شازىيە ئەردوغان دۇنيا چىمپېيونى بولدى

چوڭلار دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا شازىيە ئەردوغان دۇنيا چىمپېيونى بولدى.

1272251
شازىيە ئەردوغان دۇنيا چىمپېيونى بولدى
FOTO_19381916_180920192204060000_R_GEN_20190918000000_aa-picture-20190918-19381916.jpg
FOTO_19381914_180920192204060000_R_GEN_20190918000000_aa-picture-20190918-19381914.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ پاتتايا شەھىرىدە باشلانغان چوڭلار دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا 87 دۆلەتتىن 606 تەنتەربىيەچى قاتناشتى.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئەرلەر كوماندىسىدا 6 نەپەر ۋە ئاياللار كوماندىسىدا 6 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 12 نەپەر تەنتەربىيەچى قاتناشتى.

ئاياللار 45 كېلولۇقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا، شازىيە ئەردوغان يەردىن ئۇزۇپ ئېلىشتا 77 كېلو بىلەن ئالتۇن ۋە سىلكىپ كۆتۈرۈشتە 92 كېلو بىلەن كۆمۈش مېدال ئالدى ۋە جەمئىي 169 كېلولۇق دەرىجىسى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، چوڭلار دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا چىمپېيونى بولدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن شازىيە ئەردوغان مۇسابىقىلارغا ئىنتايىن قويۇق بىر پىروگرامما بىلەن تەييارلانغانلىقىنى، تۈركىيە بايرىقىنى تايلاندتا لەپىلتىپ، ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن شاتلىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ دۇنيا چىمپېېيونى بولغان دۆلەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى شازىيە ئەردوغاننى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر