ئىسلام دۈشمىنى پارلامېنت ئەزاسى  نامزاتى قوغلاندى قىلىندى

كانادادا 21 -  ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېشىل پارتىيەدىن پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بولغان ئېرىك سكومان ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پارتىيەسىدىن قوغلاندى قىلىندى.

1268984
ئىسلام دۈشمىنى پارلامېنت ئەزاسى  نامزاتى قوغلاندى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېشىل پارتىيە تەرىپىدىن سىمكوئې شەھىرىدىننامزات كۆرسىتىلگەن ئېرىك سىكومان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بىر چوشقىنىڭ بەزى قىسمىنى ھەمبەھىرلىشىپ، «چوشقىنىڭ قالغان قىسمىنى، مۇھەممەدنىڭ ھەجۋىي رەسىمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئۈچۈن دانىيەگە يوللىدۇق» دېگەنىدى.

كانادا مۇسۇلمانلىرى مىللىي كىشىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا فارۇق، سكوماننىڭ بۇ ئۇچۇرىنى  يېشىل پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئېلىزابىت مېيغا يەتكۈزۈپ، ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ھاقارەت قىلىش قىلمىشىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

فارۇق بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق كانادالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. بىراق چوشقا پارچىلىرىنى پوچتا ئارقىلىق يوللاش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگىنىڭىزدە، سىزنى سايلىماقچى بولغان ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ كىشى نامزاتلىق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشى لازىم.»

فارۇقنىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرغان  يېشىل پارتىيەنىڭ رەھبىرى ئېلىزابىت مېي، ئېرىك سكوماننىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ، ھەمدە پارتىيەدىن قوغلاندى قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېشىل پارتىيەدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يېشىل پارتىيە جىنسىي ئايرىمچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى، يەھۇدىي دۈشمەنلىكى، ئاياللار دۈشمەنلىكى، گوموفوبىيە، ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى نەپرەتلىك قىلمىشلارغا قارشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر