ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار

(ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار.

1269024
ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار

ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 152 – 157 – ئايەتلەر. يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152]. بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[153]. ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154]. بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار[155]. (مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[156]. ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز[157].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر