ياپونىيەلىك 86 ياشلىق زەيتۇن توپ ماھىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا

ياپونىيەلىك 86 ياشلىق رىيۇچى ناگاياماغا نىسبەتەن زەيتۇن توپ گويا بىر خۇمار ھېسابلىنىدۇ.

1263978
ياپونىيەلىك 86 ياشلىق زەيتۇن توپ ماھىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا
2019-09-02T115650Z_1908467677_RC1D27727200_RTRMADP_3_RUGBY-UNION-WORLDCUP-VETERANS.JPG
2019-09-02T115620Z_1548235485_RC1E115CE2E0_RTRMADP_3_RUGBY-UNION-WORLDCUP-VETERANS.JPG
2019-09-02T115459Z_577116550_RC13FC8BBF00_RTRMADP_3_RUGBY-UNION-WORLDCUP-VETERANS.JPG
2019-09-02T115518Z_112869865_RC1417DEF630_RTRMADP_3_RUGBY-UNION-WORLDCUP-VETERANS.JPG
2019-09-02T115513Z_894819130_RC16B8148630_RTRMADP_3_RUGBY-UNION-WORLDCUP-VETERANS.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيتۇن توپ مەيدانلىرىنىڭ ئەڭ ياشانغان تەنتەربىيەچىسى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان رىيۇچى ناگايامانىڭ توپ ئويناش ماھىرىتى ھەممەيلەننى ھاڭ تاڭ قالدۇرماقتا.

قانچىلىغان قېتىم رىيۇچى ناگايامانىڭ قوۋۇرغىلىرى ۋە ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزى بىر دوختۇر بولغاچقا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋپلەرنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رىيۇچى ناگاياما ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ تەنتەربىيە بىلەن ھازىرمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىمەن. زەيتۇن توپ ئوينىمىسام تۇرالمايمەن. ئايالىمنى ئۇزۇن يىللار ئىلىگىرى يوقۇتۇپ قويدۇم. قۇلىقىڭىلارغا بىراز غەلىتە تۇيىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئايالىمنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئازابىغا زەيتۇن توپ ئويناش ئارقىلىق چېداشلىق بېرىمەن. زەيتۇن توپ ئوينىغاندا ئۆلۈشتىنمۇ قورمايمەن»

فۇۋاكۇ كۇلۇبى تەرىپىدىن مۇسابىقىلارغا قاتنىشىۋاتقان ياشانغان ئەزىمەت رىيۇچى ناگاياما ھازىر توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان زەيتۇن توپ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر