زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە

«زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە» ئېتىش ئۇسۇلى .

1243285
زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە

زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا زەيتۇن يېغى بىلەن ئېتىلىدىغان  ۋە ئادەتتە قىزىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدىغان بارلىق تائاملار «زەيتۇن يېغىلىق تائاملار» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇ ئىسىم تاماقنىڭ قايسى ياغ بىلەن ئېتىلگەنلىكىنى ئەمەس، ئەكسىچە شۇ تاماقنىڭ تۈرىنى بىلدۈرىدۇ. بارلىق تائاملارنى ئېتىشتە دېگۈدەك زەيتۇن يېغى ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ، ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە زەيتۇن يېغى بىلەن ئېتىلىدىغان تائاملار، ئاساسلىق يېمەكلەردىنمۇ بەكرەك قوشۇمچە تاماق، ياكى مەزە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، «زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • يېرىم كىلوگىرام فاسۇليە
  • 2 دانە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى ئۇششاق توغرالغان پىياز
  • 4 دانە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى رەندىلەنگەن پەمىدۇر
  • يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • 2 – 3 چىش سامساق
  • يېرىم ئىستاكان سۇ
  • شېكەر
  • تۇز

«زەيتۇن يېغىلىق فاسۇليە» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، فاسۇليەنى يۇيۇڭ، ئاندىن، پىچاقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈستى تەرەپلىرىنى، ئەگەر قىلتىرىقلىرى بار بولسا، ئېلىۋېتىپ، ئىككى پارچىغا بۆلۈڭ.
  • قازاننىڭ ئاستى تەرىپىگە بىرئاز پىياز قويۇڭ، ئۈستىگە فاسۇليەنىڭ بىر قىسمىنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • فاسۇليەنىڭ ئۈستىگە رەندىلەنگەن پەمىدۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • تەكرار ئۈستىگە پىيازنى، پىيازنىڭ ئۈستىگە فاسۇليەنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • پىياز بىلەن فاسۇليەنى مۇشۇ يوسۇندا قازانغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • ئەڭ ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان سامساق، شېكەر ۋە تۇزنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • يېرىم ئىستاكان سۇنى تاماقنىڭ ئۈستىگە تۆككەندىن كېيىن، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىڭ ۋە ئوتنى پەسەيتىپ، 20 – 30 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.
  • فاسۇليەنى يۇمشىغاندىن كېيىن، قىزىق ھالەتتە ياكى سوغۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر