بۈگۈن «قۇربان ھېيت» نىڭ بىرىنچى كۈنى

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

1251305
بۈگۈن «قۇربان ھېيت» نىڭ بىرىنچى كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەۋاتىمىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قوينىڭ قۇربانلىق قىلىنىشىدىن كېيىن، «قۇربانلىق قىلىش» ئەنئەنىسى ئىنسانىيەت تارىخىىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھالال پۇل بىلەن سېتىۋېلىنغان ماللار بۈگۈن گۇناھلارغا كەففارەت بولۇشى مەقسىتىدە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. خالىغان كىشىلەر قۇربان ھېيتنىڭ باشقا كۈنلىرىدە قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆي خەلقىگە، بىر قىسمى پېقىرلارغا، يەنە بىر قىسمى بولسا ئۆيگە ھېيتلاپ كەلگەن مېھمانلارغا ئىكرام قىلىنىش ئۈچۈن ئايرىلىدۇ.

قۇربان ھېيتتا چوڭلار زىيارەت قىلىنىدۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلى خۇش قىلىنىدۇ.

پۈتكۈل دۇنيادىكى بىزنى چوڭقۇر غەم - قايغۇ ۋە دەرد - ئەلەم دېڭىزىغا چۆمدۈرۋاتقان توقۇنۇشلار، قەتلىئاملار، زۇلۇم – سىتەملەر، كىن ۋە نەپرەتلەرنىڭ «قۇربان ھېيت» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخىرلىشىشى ئۈمىدى بىلەن قۇربان ھېيتىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر