ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى

«ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1235157
ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى

ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن سىلەرگە ھەم لەزەتلىك ھەم تەييارلىنىشى ئىنتايىن قولاي بولغان «ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر ئىستاكان يېشىل يېسسىمۇق
  • يېرىم ئىستاكان ئەرىشتە
  • بىر قوشۇق سېرىق ماي
  • 4 ئىستاكان سۇ
  • بىر ئىستاكان گۆش سۈيى ياكى توخۇ سۈيى
  • 1 – 2 دانە پىياز
  • 1 – 3 تاتلىق قوشۇقى قۇرۇق پىننە
  • بىر تاتلىق قۇشۇقى تۇز
  • 1 – 3  تاتلىق قوشۇقى قىزىلمۇچ
  • بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى

«ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، يېشىل يېسسىمۇقنى يۇغاندىن كېيىن، 5 – 6 مىنۇتتەك قاينىتىڭ، ئارقىدىن سۈزۈپ، سۈيىنى ئېلىڭ.
  • پىيازنى تۆت چاسا قىلىپ توغراڭ.
  • سېرىق ماينى ئېرىتىڭ ۋە پىيازنى سېرىق مايدا قورۇڭ.
  • پەمىدۇر قىيامىنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، پىيازلار بىلەن بىرلىكتە 2 – 3 مىنۇتتەك قورۇڭ.
  • يېسسىمۇقنى ئىلاۋە قىلىپ، بىرقانچە مىنۇت پىشۇرۇڭ.
  • توخۇ سۈيى بىلەن سۇنى ئاستا – ئاستا يېسسىمۇققا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • تۇز ۋە باشقا تېتىتقۇلارنىمۇ ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، سۇنى قاينىتىڭ.
  • ئاخىرىدا ئەرىشتىلەرنى قاينىغان يېسسىمۇقلۇق ئارىلاشمىغا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • ئەگەر ئەرىشتە تاپالمىسىڭىز، ماكارنا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق ئىنچىكە ۋە تېز پىشىدىغان ماكارنانى تاللىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
  • ئەرىشتىلەر ياكى ماكارنالار پىشىپ، يۇمۇشىغان چاغدا، «ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» تەييار بولغان بولىدۇ.
  • خالىسىڭىز «ئەرىشتىلىك يېشىل يېسىمۇق  چوربىسى» نىڭ ئۈستىگە سېرىق ماي قېتىلغان قۇرۇق پىننە سېپىپ، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر