رۇسىيەدە تۈرك فىلىم كۈنلىرى باشلىدى

رۇسىيەنىڭ موسكۋا سائىنت. پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرك فىلىم كۈنلىرى باشلاندى.

1221233
رۇسىيەدە تۈرك فىلىم كۈنلىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - رۇسىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت - سەنئەت يىلى پائالىيىتى دائىرىسىدە، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى ۋە تۈركىيەنىڭ سائىنت. پېتېرسبۇرگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىرلىكتە سودىنا كىنوخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ئېچىلىش پىروگراممىسىغا، تۈركىيەنىڭ پېتېرسبۇرگدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى يۇنۇس بەلەت ۋە موسكوۋا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى مۇدىرى ئۆمەر ئۆزكان بىلەن نۇرغۇن ساندا تۈركىيە ۋە رۇسىيە مەسئۇللىرى قاتناشتى. 

باش كونسۇل يۈنۈس بەلەت بۇ پائالىيەتنىڭ پېتېرسبۇرگدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ تۈرك كۈلتۈرىنى تونىتىش جەھەتتە بىر باشلانغۇچ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

موسكاۋا يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى مۇدىرى ئۆمەر ئۆزكانمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك فىلىم كۈنلىرى پالئالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، رېرىسسور ئوسمان سىناۋنىڭ «ئۇزۇن ھېكايە» ناملىق فىلىمى بىلەن باشلاندى.

3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە، 7 تۈركىيە فىلىمى رۇسچە يازما تەرجىمە شەكلىدە تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر