ئەردوغان ۋە چاۋۇشئوغلۇ دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىزنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «2020 ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش تاللاش مۇسابىقىسى» دا دۇنيانىڭ ئاخىرىقى چېمپىيونى فىرانسىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن تۈركىيە دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان ۋە چاۋۇشئوغلۇ دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىزنى تەبرىكلىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

ئەردوغان تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «تەبرىكلەر تۈركىيەم!» دېگەن سۆزىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندىنىڭ غەلىبىيەت رەسىمىنى قوشۇپ ئېلان قىلدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى باشلىقى نىھات ئۆزدەمىرگە تېلېفون قىلىپ، پوتبول ماھىرلىرىنى ۋە تېخنىكا دىرىكتورى شەنول گۈنەشنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغان دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىزنى تەبرىكلىدى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «ھەم توپ مەيدانىدا، ھەم ئۈستەلدىمۇ كۈچلۈكمىز. ئاخىرىقى دۇنيا چېمپىيونى فىرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغان دۆلەتلىك كوماندىمىز بىلەن ئىپتىخارلىنىمىز. تەبرىكلەر مىللى كوماندىمىز! تەشەككۈرلەر كونيا!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر