تالىبان ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى گور ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلدى
ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى گور ۋىلايىتىدە تالىبان قوغدىغۇچىلار پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 14 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى بىلەن 1 پۇقرانى ئۆلتۈردى.
1215216
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گور ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇلھەي خاتىبى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىباننىڭ گور ۋىلايىتىگە قاراشلىق دەۋلەتيار ناھىيەسىدىكى قوغدىغۇچىلار پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەي خاتىبى توقۇنۇشتا 14 قوغدىغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 7 قوغدىغۇچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇلھەي خاتىبى توقۇنۇشتا تالىبان ئەزلىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، توقۇنۇش ئەسناسىدا بىر پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.