قازاقىستان خەلقى بۈگۈن يېڭى پىرېزدېنتنى سايلاش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا باردى

قازاقىستاننىڭ 12 ئۆلكىسىدە بېلەت تاشلاش ئىشلىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە باشلىدى.

kazakistan secim1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ مانگىستائۇ، ئاتىرائۇ، ئاقتۆبە، غەربىي قازاقىستان ۋە قىزىلئوردا ئۆلكىلىرىدە بولسا، سائەت پەرقى سەۋەبىدىن بېلەت تاشلاش ئىشلىرى 1 سائەت كېچىكىپ باشلاندى.

قازاقىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان 11 مىليون 947 مىڭ سايلىغۇچى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قۇرۇلغان 9967 سايلام مەركىزىدە بېلەت تاشلايدۇ. 

بېلەت تاشلاش سائەت 20:00 دە ئاخىرىلىشىدۇ. بېلەت ساناش خىزمەتلىرى بولسا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 12 سائەت ئىچىدە تاماملىنىدۇ.

بىر ھەپتە ئىچىدە سايلام نەتىجىلىرىنىڭ مۇئەييەنلىشىشى، ئېلان قىلىنىشى ۋە سايلانغان پىرېزىدېنتنىڭ مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن رۇيخەتكە ئېلىنىشى تاماملىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا قازاقستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ مارت ئېيىدا ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاسىم جۆمەرت قاتارلىق 7 نامزات رىقابەتلىشىدۇ. 

قازاقىستان قانۇنلىرىغا كۆرە، پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ قازاقچە بىلىشى، 40 ياشقا كىرگەن بولۇشى، قازىقستاندا 15 يىل تۇرغان بولۇشى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئەڭ ئاز 5 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر