دائېشنىڭ كەركۈكتىكى ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ ئۇزاقتىن پارتلىتىلىشى سەۋەبىدىن 1 ساقچىنى قوشقاندا جەمئىي 2 كىشى ئۆلدى ۋە 3 كىشى يارىدار بولدى.

دائېشنىڭ كەركۈكتىكى ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشى يارىدار بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى كامال، ھاۋىجە ناھىيەسىگە قاراشلىق سادونىيە يېزىسى ئەتراپىدىكى تېرۇلغۇ جايغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى كامال بومبىنىڭ ئىلگىرى دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بومبىنىڭ يىراقتىن باشقۇرۇش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق پارتىلىتىلىشى سەۋەبىدىن رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر نەپەر ئىراق فېدېراتىسيە ساقچى خادىمى بىلەن يەنە بىر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلى كامال پارتلاشتا تېرولغۇ جايدا تۇرۇشلۇق 3 دېھقاننىڭمۇ ياردار بولغانلىقىنى ۋە ئەتراپتىدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرررولۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈك، مۇسۇل، ئەنبار، سالاھىددىن ۋە دىيالا قاتارلىق ۋىلايەتلەردە پات - پات بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر