دانىيەدە ئەسلى تۈركىيەلىك 3 نامزات پارلامېنت ئەزاسى بولدى

دانىيەدە 5 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئەسلى تۈركىيەلىك 9 نامزاتتىن 3 نامزات ئۇتۇققا ئېرىشىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولدى.

1215164
دانىيەدە ئەسلى تۈركىيەلىك 3 نامزات پارلامېنت ئەزاسى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېراللار پارتىيەسىدىن نامزات بولغان فاتىما ئۆكتەم 5130، ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن نامزات بولغان لارس ئاسلان راسمۇسسېن 4279 ۋە سوتسىيالىستىك خەلق پارتىيەسىدىن نامزات بولغان ھەلىمە ئوغۇز 1278 ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋازغا ئېرىشتى.

دانىيە پارلامېنتىدا 175 ئورۇندۇق بولۇپ، ئىجتىمائىي دېموكراتىيە پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى سولچىلار 91 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ سايلامنىڭ غالىبىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر