تۈركىيە ئارمىيەسى دىيارباكىردا 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دىياركابىرغا قاراشلىق لىجە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى دىيارباكىردا 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ھەرىكەت جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۈرك، ئاۋشىن باسيان ۋە زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە پاناھجاي، ئىسكىلات ۋە ئوق - دورا ئامبارلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئىراقنىڭ شىمالدىكى ھاكۇرك رايونىدا 13 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەنچە ھەرىكىتىدە بولسا، جەمئىي 43 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە 53 مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچ تازىلاندى. تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 74 غار ۋە پاناھجاي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر