<S-400> ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى 2 ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ 2 ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

<S-400> ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى 2 ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىت پېتېرسبۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى «Rostec»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇغۇچىسى سېرگېي چېمېزوۋ رۇسىيەنىڭ «NTV» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ پىلانلانغان شەكىلدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

تۈرك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىۋاتقان <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىش تەلىم - تەربىيەسىنىڭمۇ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن چېمېزوۋ «<S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى 2 ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە تاپشۇرۇشنى باشلايمىز» دېدى.

بۇ باياناتتىن كېيىن ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېللېن لورد ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شۇنداقلا ياۋرپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئاندرېۋ ۋنتېرنىتىز «F35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا 31 - ئىيۇلغىچە ئەگەر كېلەشەلمەيدىغان بولسا، تەلىم ئېلىۋاتقان تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە «F35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۈچۈن ئىشىلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ تۈركىيەدىن تەمىنلىنىشىنىڭمۇ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەگەر <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىۋېلىنغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ «F35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى پىروگراممىسىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مەسئۇللىرى باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىككە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە «F35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى پىروگراممىسىدىن تۈركىيەنىڭ چىقىرىۋتىلىشىنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

 ئەگەر <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تاپشۇرۇپ ئېلىنغان تەقدىردە، 2020يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا ئامېرىكىنىڭ كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەگەر تۈركىيە <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچسە، بۇ سەلىبىي ئەھۋاللارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر