قازاقىستان خەلقى ئەتە يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلايدۇ

قازاقىستان خەلقى ئەتە يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا بارىدۇ.

قازاقىستان خەلقى ئەتە يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان سايلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىليون 947 مىڭ بولۇپ، خەلق ئەتە ئەتىگەن 07:00 دىن 21:00 بولغان ئارىلىقتا 9970 سايلام مەركىزىدە بېلەتلىرىنى تاشلايدۇ. 

چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق قازاقىستانلىقلار بولسا، 51 دۆلەتتە قۇرۇلغان 64 سايلام ساندۇقىغا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ.

سايلام نەتىجىلىرى بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىپ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 12 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

بىر ھەپتە ئىچىدە سايلام نەتىجىلىرىنىڭ مۇئەييەنلىشىشى، ئېلان قىلىنىشى ۋە سايلانغان پىرېزىدېنتنىڭ مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن رۇيخەتكە ئېلىنىشى تاماملىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلامدا قازاقستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ مارت ئېيىدا ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاسىم جۆمەرت قاتارلىق 7 نامزات رىقابەتلىشىدۇ. 

قازاقىستان قانۇنلىرىغا كۆرە، پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ قازاقچە بىلىشى، 40 ياشقا كىرگەن بولۇشى، قازىقستاندا 15 يىل تۇرغان بولۇشى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئەڭ ئاز 5 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر