پاپاغا ئەڭ يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان باش پوپنىڭ بەچچىۋازلىقى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئارگېنتىنا تەپتىش مەھكىمىسى پاپا فىرانجىسۇسقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان باش پوپ گۇستاۋو زانچېتتانىڭ جىنسىي سۇيئىستېمال جىنايىتى ھەققىدە دېلو تۇغۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاپاغا ئەڭ يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان باش پوپنىڭ بەچچىۋازلىقى  قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا دۆلەت ئورگانلىرى تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش پوپ گۇستاۋو زانچېتتانىڭ داۋاملىق ئېغىر جىنسىي سۇيئىستېمال جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئارگېنتىنانىڭ ئوران شەھىرىدە باش پوپ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۇستاۋو زانچېتتا 2017يىلى تۇيۇقىسز ئېلىنغان بىر قارار بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېستىېپا بەرگەن، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا پاپا فىرانجىسۇس ئۇنى ۋاتىكان مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى.

پاپا فىرانجىسۇس قىسقىغىنە ۋاقىت ئىلگىرى قاتناشقان بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا باش پوپ گۇستاۋو زانچېتتانىڭ مۇناسىپ بولمىغان جىنسىي خاتالىقلاردا بولغانلىقى سەۋەبىدىن پاپالىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە دېلونىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كاتولىك چىركاۋلىرىدا پوپلارنىڭ كىچىك بالىلارنى جىنسىي سۇيىئېتىمال قىلىش ۋەقەلىرى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئاشكارىلىنشىقا باشلىغاندىن كېيىن، ۋاتىكانمۇ بەزى قەدەملەرنى تاشلىغان ئىدى.

پاپا فىرانجىسۇس جىنسىي سۇيىئېتىمال قىلىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە  ئەڭ ئاخىرىدا ۋاتىكاندىكى پۇقرالارنىڭ شۇنداقلا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ھەر قانداق جىنسىي سۇيىئېتىمال ۋەقەلىرىنى دوكلات قىلىشىنى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر قانۇننى ماقۇللىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر